خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان "تىنچلىق ۋەزىپىسى - 2005" دەپ ئاتالغان ھەربىي مانېۋىر چارشەنبە كۈنى 3 - باسقۇچقا كىرىپ، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسى، سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇش تاكتىكىسى بويىچە ھەربىي مەشق ئېلىپ باردى.
مانېۋىرغا، رۇسىيىنىڭ تىنچ - ئوكيان پاراخوت ئەترىتى بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشچى پاراخوتلىرى، بومباردىمانچى ۋە كۆرەشچى ئايرۇپىلانلار قاتناشتۇرۇلغان. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندا، خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ، شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنى "قىياستىكى تەيۋەن" دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
جياڭ زېمىن ۋاقتىدا قارار قىلىنغان خىتاي - رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى، 2002 - يىلى يازدا پىلان تۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ، جياڭ زېمىننىڭ "ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ھەربىي تەرەققىياتنى تەڭ ئېلىپ بېرىش" پرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى 2004 - يىلى 7 - ئايدا بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، "تىنچلىق ۋەزىپىسى - 2005" دەپ ئاتالغان بۇ مەشق بۇ يىل 8 -ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلىنىپ 25 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. (پەرىدە)