25-ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا رۇسىيە دائىرىلىرى كېلەر يىلى يەنە بىر قېتىم خىتاي بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭغا ھىندىستاننىڭمۇ قاتنىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ موسكۋانىڭ 2006-يىلى خىتاي، ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى ئۈچ دۆلەت بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە بۇ يىل كۈز ئايلىرىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئەگەردە كېلەر يىلى ھىندىستاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن رۇسىيە-خىتاي-ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە مۇمكىن بولسا، بۇنىڭ زور ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە تەھدىد سېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)