خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغولدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق 24 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللىرىنى مانىۋېرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
مانېۋىرغا 16 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، "بېيجيەن - 2005" دەپ نام بېرىلگەن. مانېۋىر بېيجىڭ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق ئىچكى موڭغولنىڭ زۇرىخې رايونىدىكى ھەربىي مەشق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانېۋىرغا 24 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئەسكىرى خادىملاردىن 40 تەك كىشىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، مانېۋىرنى ھازىرغىچە چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ كۆپ تەكلىپ قىلىنغان مانېۋىر، دەپ كۆرسەتتى. ئەمما مانېۋىرغا ياپونىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى جىددى يىرىكلەشمەكتە ئىدى. ياپونىيە “ئاساخىي شىنبېن” گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مۇداپىئە پىلانىدا خىتاينى ياپونىيىگە تەھدىت دۆلەت، دەپ ئاتىغان.