ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەسئۇلى گېنېرال جون ئەللېن، ئامېرىكا، خىتاي ھەربىي ۋەكىللىرىنى ھەربىي مانېۋىرغا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنى ھەربىي مانېۋىرغا تەكلىپ قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يېقىندا تىنچ ئوكياننىڭ گۇئام ئارىلى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن "جەسۇر قالقان" ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا تەكلىپ قىلغان ۋە خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ "رېگان" ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى زىيارەت قىلغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى كۆزەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار ۋە ئىستراتېگىيىسىگە بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشتى، دەپ قارىغان.
جون ئەللېن، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەربىي ئىسپات بېرىش يىغىنىدا "جۇڭگو ھەربىي ئىشلارنى ئاشكارىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپلا قالماي، جۇڭگو ئارمىيىسى يەنە 'بار تاۋىغىم - يان تاۋىغىم' مەنتىقىسى بويىچە ئامېرىكا ھەربىلىرىنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا تەكلىپ قىلىشى كېرەك" دەيدۇ.
يىغىندا ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتىر رودمان، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلارنى ئاشكارىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدۇ، دېدى. رودماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر جۇڭگو ئامېرىكىنى مانېۋىرغا تەكلىپ قىلمىسا، ئامېرىكا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنى يەنە تەكلىپ قىلىۋەرمەيدىكەن. ئۇ، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۇ ئاستى پاراخوت، ئىككى سەپ بويىچە ئۇرۇش قىلىش، ئاۋىئاماتكا، كومپيۇتىر ۋە سۇنئىي ھەمراغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەيدۇ. (ئەركىن)