خىتاي- تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى باشلىدى

خىتاي ۋە تاجىكىستان ھەربىي قىسىملىرى پەيشەنبە كۈنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر باشلىدى.

تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جەمشىد ھۆسەينوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبە شەھىرىگە 200 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى مومىرەك ھەربىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېر تاجىكىستان ۋە خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە تېررورلۇق ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ كۈن داۋاملىشدىغان ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا، تاجىكىستان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى ھەمدە تاجىك ئالاھىدە قىسىملىرى قاتىنىشىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، رايوندا ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرشىۋاتىدۇ، دېيىشمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رۇسىيىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا رايوندا ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ چېچەن جەڭچىلىرىگە ياردەم بېرىشىنى توساشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ يەنە بىر نىشانى بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. (قانات)