11- دېكابىر كۈنى پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان ئابادئاباد رايونىدا باشلانغان خىتاي- پاكىستان "دوستلۇق 2006" بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى دۈشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا ھەر ئىككى دۆلەتتىن يۈزلىگەن ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر قاتناشقان بولۇپ، مانېۋىردا ئەسكەرلەرنىڭ تاغلىق رايوندا تېررورچىلارغا قارشى ھەر تۈرلۈك قوراللارنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى سىنالغان.
مانېۋىرنى كۆزىتىش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلگەن خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال لۇ دېڭمىڭ، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ پاكىستان زىيارىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى مانېۋىرنى تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىق توغرىسىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.
مانېۋىرنى كۆزەتكەن پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال تارىق مىجىت، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، مانېۋىر ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ قابىلىيەت ۋە تەجىرىبىلىرىدىن پايدىلاندى، دېدى.
بۇ قېتىم خىتاي بىلەن پاكىستان ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانېۋىر 2004- يىلىدىن بېرى ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر بولۇپ، پاكىستان دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەتلەر قاتارىدا ئېلىپ بېرىلغان. (قانات)