خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىدىن چېكىنىپ چىقتى


2006.05.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياپونىيە، ئامېرىكا، كانادا،جەنۇبىي كورىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇققا قارشى دېڭىز ئۈستى مانىۋېرىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، " ئالاقىدار مىنىستىرلىقلار باشقا ۋەزىپىلەر بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن جۇڭگو بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا قاتناشمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ئېلىپ ماڭغان ۋە قوراللارنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئېلىپ كىرمەكچى بولغان بىر تېررورچىلار پاراخوتىغا توساپ زەربە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان مانىۋېر، شەنبە كۈنى باشلانماقچى ئىدى. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى مانىۋېرغا بىر كۈن قالغاندا مانىۋېردىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

ياپونىيە دېڭىز ساھىلىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مانىۋېرغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دېڭىز قاتناش مىنىستىرلىقى قاتناشماقچى بولغان. مانىۋېردا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ئېلىپ ماڭغان گۇمانلىق بىر پاراخوت خىتاي دېڭىز تەۋەكىلىكىگە كىرمەكچى بولغاندا ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىناتتى ۋە بۇ پاراخوتنىڭ رۇسىيىدىكى ۋىلادىۋىستىك شەھىرىگە كېتىشى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم سورايتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، جۇڭگو ساقچى ۋە دېڭىز قاتناش دائىرىلىرىنىڭ مانىۋېرغا قاتنىشىشتىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يېنىۋالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى. ياپونىيە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالاقىدار دۆلەتلەر مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە 2005 - يىلى 9 - ئايدا ماقۇل بولغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىدىكى مانىۋېردىن خەۋەردار ئەرباپلار فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خىتاينىڭ مانىۋېردىن چارشەنبە كۈنى چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "بىز ھېچكىمنى مانىۋېرغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمەيمىز " دەپ تەكىتلىگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ مانىۋېرنىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتىلىشىدىن بىئارام بولغان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.