خىتاي ئارمىيىسى چىڭداۋدا تېرورىزىمغا قارشى مانىۋېر ئۆتكۈزدى

شەندۇڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، 23 - دېكابىر شەنبە كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھرىدە تېررورلۇق قارشى مەخسۇس ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ مانىۋېرغا سەدىچىن سېپىلى -3 دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي تېررورلۇققا قارشى قوراللىق مەخسۇس قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ خىتاينىڭ خىتاي تېرورلۇققا قارشى قىسىملىرىنىڭ خىتاي ئىچىدە 2003 - يىلىدىن بۇيان ئۈچۈنچى قېتىم مەخسۇس تېرورلۇققا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىپ مانىۋېر ئۆتكۈزىشى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ھەربىي مانىۋېرغا قوماندانلىق قىلغان خىتاي دۆلەتلىك تېررورلۇققا زەربە بېرىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى جوۋ يوڭكاڭنىڭ مانىۋېرگە بەرگەن خاتىمە نۇتقىدا ئېيتىشىچە، "سەدىچىن سېپىلى 3 –" نامىدىكى مەزكۇر مانىۋېرنىڭ خىتايدا 2008 - يىلى ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مۇھاپىقەتلىك ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك، ئامانلىق قوغداش ئىشلىرىگە تەييارلىق قىلىش ئىكەن.

خىتاي ئارمىيىسى ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان ھەربى قىسىملىرى بىلەن "دوستلۇق 2006" نامىدا تېررورلۇققا قارشى مەخسۇس تۆت كۈنلۈك بىرلەشمە مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)