خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋ توڭ ئەپەندى يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئوبزورلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى بەردى. ئۇزۇندىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئەپەندى ئوبزورىدا 'ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا يۈز بەرگەن 'چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش' دېگەن ھەرىكەتتە يالغانچىلىق بولغانغا ئوخشاش، ھازىرقى 'ئىناق جەمئىيەت ' دېگەن ھەرىكەتتىمۇ دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرىدىغان، ئادۋوكاتلارغا زەربە بېرىدىغان، مۇخبىرلارنى چەكلەيدىغان قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىش 'ئىناق جەمئىيەت' دېيىلىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.
باۋ توڭ ئەپەندى ئوبزورىدا يەنە 'خۇ ياۋباڭ ئەپەندى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ناھەق دېلولارنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئىدى. ماۋ زېدوڭ 'ئوڭچى' دەپ بىكىتىپ رەھىمسىزلىك بىلەن كۆرەشكە ئالغان كىشىلەرنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنداق ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىشتە جەمئىيەت قالايمىقانلاشمىدى. ئەمدى خۇ جىنتاۋ، ۋېن جاباۋلار 'ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا ماۋ بىلەن دىڭنىڭ سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە خىتاي قالايمىقان بولۇپ كېتەمدىكەن؟' دەپ سۇئال قويغان.