ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىنى كىم ئاشىدۇ بازىرىدا سېتىش بىكار قىلىندى

خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەپسانىۋىي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن راۋىقىغا ئېسىلغان رەسىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى 3 - ئىيۇن كۈنى بېيجىڭدىكى خۇاچېن كىم ئاشىدۇ بازىرىدا تالاشتۇرۇپ سېتىش پىلانى، جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىندى.

خۇاچېن كىم ئاشىدۇ بازىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمى 3 - ئىيۇن كۈنى بازارغا سېلىنىدىغان بويۇملار ئىچىدىن چىقىرىۋېتىلدى. كىم ئاشىدۇ بازىرى ئۆتكەن ھەپتە رەسىمنى بىر مىليون 200 مىڭ يۈەنگىچە سېتىلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن كىم ئاشىدۇ بازىرىنىڭ تالاشتۇرۇپ سېتىش پىلانى خىتايدا تالاش تارتىش قوزغىدى ۋە رەسىمنىڭ سېتىلىشىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئۇنىڭ مۇزىيغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ماۋ زېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن راۋىقىغا ئېسىلغان رەسىمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى 1950 - يىلى رەسسام جاڭ جېنيى سىزغان. بۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ خىتايدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا يىتەكچىلىك قىلىپ 1949 -يىلى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سىزىلغان تۇنجى رەسىمى ئىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن راۋىقىغا ئېسىلغان پۈتۈن رەسىملىرى جاڭ جېنيىنىڭ سىزمىسى بويىچە بېسىلغان. 57 يىل جەريانىدا بۇ رەسىم خىتايدا ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر سىمۋولغا ئايلاندى. ماۋ زېدۇڭ بۇ رەسىمى ئېسىلغان راۋاقنىڭ ئۈستىدە 1966-يىلى 16 - ماي كۈنى كاللىسى ئەسەبىيلىككە تولغان مىليونلىغان "قىزىل قوغدىغۇچىلار" نى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى پارتىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەردىن ھوقۇق تارتىۋىلىشقا چاقىرغان، لېكىن بۇ خىتايدا سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خۇاچېن كىم ئاشىدۇ بازىرى يېقىندا ، رەسىمنىڭ ئىگىزلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان ئەسلى نۇسخىسى ئامېرىكىلىق بىر خىتاينىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ۋە رەسىمنى ئىگىسىنىڭ تالاشتۇرۇپ سېتىىشقا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)