ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەسىمى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىن بېيجىڭغا كەلگەن بىر خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا بىر قىسىمى كۆيدۈرۈلگەن، ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەسىمى، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە بىر كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى قولىدىكى يېنىۋاتقان سالىيوتنى ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە ئېتىشقا ئۈلگۈرمەي، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى خىتايدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەسىمىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى ئېتىراپ قىلمىدى.

1989‏- يىلى خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى جەريانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى رەسىمىگە تۇخۇمغا قاچىلانغان سىيانى چاچقان يۆ دۇڭيۈ ئىسىملىك بىر خىتاي مۇخبىرى 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

گەرچە ئۇ تۈرمىدىن چىقىپ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدىكى ناچار ۋە قاتتىق مۇئامىلە تۈپەيلىدىن، روھى كېسەللىكنىڭ ئازابىنى چەكمەكتە. (ئۆمەر قانات)