كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان رادىكال ماۋچىلارنىڭ تور بەتلىرىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكال ماۋچىلارنىڭ 'ماۋزېدۇڭ بايرىقى' ناملىق تور بېتىدە، ھازىرقى پارتىيە سېكرىتارلىرىنىڭ ئاللىقاچان كاپىتالىستلارغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ۋە جەمئىيەتتىكى كاپىتالىستلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان كوممۇنىست پارتىيىگە كىرىپ بولغانلىقىنى، بۇلارنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە پايدا يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدىغان، بولۇپمۇ ھازىرقى كوممۇنىست پارتىيە سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالىلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرى رادىكال ماۋچىلارنىڭ بۇ تور بېتىنى بۈگۈن (چارشەنبە كۈنى) ئەتىگەندىلا تاقىۋەتكەن. چۈنكى بۇ تور بېتىدە يەنە، پېنسىيىگە چىققان كونسېرۋاتىپ ئەمەلدارلار، داڭلىق زىيالىيلار ۋە ھەربىي ئوفىتسېرلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كەتكەنلىكى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىكەن. (ۋەلى)