ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خەلق مەبلەغ سالىدىغان كۆپ پۇرسەت يارىتىلىشى كېرەك

خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى، قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن -بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا 2006 ‏- يىلى يەر ‏- زېمىن، تورالغۇ سودىسى 21% يۇقىرى ئۆرلىگەن. ھازىرمۇ تورالغۇ سودىسى ناھايىتى قىزىۋاتىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا يەر-تۇرالغۇ سودىسى قانچە قىزىغانسېرى، گەرچە خىيانەتچىلىككە قارشى شۇئار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلىنىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئەمما يەر-تورالغۇ باشقۇرىدىغان ئورگانلاردىكى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك خاھىشى شۇنچە يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى ۋېرجىنيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسسى برۇس رېينولدنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتايدا تورالغۇ سودىسىنىڭ بارغانسىرى قىزىۋاتقانلىقى ئېھتىياجنىڭ چوڭ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما خەلقنىڭ ئېھتىياجى بىلەن سېتىۋېلىش كۈچى مۇناسىپ ئەمەس. شۇڭلاشقا تورالغۇ سېتىۋېلىشقا تىزىملاتقان ئادەم سانى كۆپ، لېكىن رەسمىيەت ئۆتەلىگىنى ئاز بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى ئىنچىكە كۆزەتكەندە، خەلقنىڭ قولىدىكى مەبلەغلىرىنى سالىدىغان پۇرسەت ئاز. شۇڭلاشقا، خىتايدا خۇددى ئامېرىكىدىكىدەك، كىرىمى ئوتتۇراھال ياكى تۈۋەن بولغان كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش پايدا كەلتۈرىدىغان فوند ياكى پېنسىيە فوندى دېگەندەك مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، خەلققە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى يارىتىلىشى كېرەك. (ۋەلى)