خىتاي نېفىت شىركىتى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2005.06.23
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان دۆلەت ئىگىلىگىدىكى سىنوك نېفىت شىركىتى، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۇنىكال نېفىت شىركىتىنى 18 مىليارد بەش يۈز مىليون دوللارغا سىتىۋىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بىر غەرب شىركىتىنى سېتىۋەلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ چوڭ مەبلەغلىك تەكلىپى ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋەلىش ئۈچۈن بەرگەن تەكلىپى، ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئەندىشە قىلىۋاتقان سىياسەتچىلىئەرنىڭ خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇنىكال شىركىتىنى سېتىۋەلىشىغا قارشى چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ چەۋرون نېفىت شىركىتى ئاپرىل ئېيىدا، ئۇنىكال شىركىتى بىلەن بۇ شىركەتنى 16 مىليارد 6 يۈز مىليون دوللارغا سېتىۋەلىش ئۈچۈن كىلىشىپ بولغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىكال شىركىتى خىتاي شىركىتىنىڭ تەكلىپىنى قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى
- بېيجىڭ، رۇسىيە يۇگانسكىي نېفىت گاز شىركىتىنى سېتىۋېلىش ۋەقەسىگە ئارلاشقانلىقىنى رەت قىلدى
- رۇسىيىنىڭ يۇكوس شىركىتىنى خىتايلار سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن
- خىتاي ئىران بىلەن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
- خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى