مېكسىكا، خىتايغا قارىشى ئىقتسادىي كۈرەشتە ئامېرىكا سېپىگە قېتىلدى
2007.02.26
مېكسىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى سودا ۋە تىجارەت دەۋاسىدا خىتايغا قارشى تۇنجى قەدەمنى ئېتىپ، ئامېرىكىنىڭ سېپىگە قېتىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مېكسىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلات، كومپيۇتېر ۋە كېيىم-كېچەك سانائىتىگە قىلىۋاتقان ياردىمى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، سودا مەسىلىسىدە پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى قاتتىقراق پوزىتىسيىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بېسىمى بىلەن 2-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا سانائەتچىلىرىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىپ، خىتاينىڭ بەزى سانائەت تارماقلىرىغا بېرىۋاتقان دۆلەت ياردىمى مەسىلىسىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر 60 كۈنگىچە ئامېرىكا-خىتاي ۋە خىتاي مېكسىكونىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەر نەتىجە بەرمىسە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئامېرىكا ۋە مېكسىكىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئەرزىنى بىرلەشتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىككىنچى قەدەمدە دۇنيا سودا تەشكىلاتى 9 ئاي ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار چىقرىدىكەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق خىتاينىڭ دۇنيادىكى چوڭ سودا شېرىكلىرى، ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېچىلغان داۋاغا ئۈچۈنچى تەرەپ بولۇپ قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما دۈشەنبە كۈنى مېكسىكا ھۆكۈمىتى دەۋاگەر بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي توۋارلىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويۇش قانۇنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلقئارا سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى سودا دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- كارلوس: خىتاي، ئامېرىكىدا بېكىنمىچىلىك كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىكە تۈرتكە بولماقتا
- ئامېرىكا: خىتاي ۋەدىسىگە "ئۇياتسىزلارچە" خىلاپلىق قىلماقتا