خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىلا كۆزلەۋاتىدۇ


2007.01.29

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ سىۋىي، خىتاي شىركەتلىرىنى ئىش-پائالىيەتلىرىدە پەقەت مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قاراۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنى بۇ ھادىسىنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىقا چاقىردى.

چېڭ سىۋىي دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىقتىساد ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، كۆمۈر كان خوجايىنلىرىنىڭ دېھقانلارنى ناھايىتى ناچار شەرتلەر ئاستىدا ئىشلەشكە زورلاۋاتقانلىقىنى، يېمەكلىك تەييارلايدىغان شەخسى شىركەتلەرنىڭ، ئەرزان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كارخانىلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە مۇھىتقا ھېچقانداق ئەھمىيەت بەرمەي، مۇھىتنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەتلىرى، پەقەت خىتاي ئىچىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەت دۆلەتلەردە كېڭىيشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىسىدە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن چېڭ سىۋىي، "ھەتتا يېڭى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. شىركەتلەر تىجارى پائالىيەتلىرىدە پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىلا ئەمەس، باراۋەرلىك، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت تەڭپۇڭلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدەك كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتىدىكى بىر دۆلەتتە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەزىپىسىدىكى بىر ئەربابنىڭ، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ۋە ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتايدا ئىجتمائىي مەسىلىلەرنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ، دېيىشمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.