خىتاينىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى چەكلەش سىياسىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى


2005.09.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

چېگرا ھالقىغان خەلقئارا ئاخبارات ئورگىنى خەۋەرلەر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى رۇبېرت مورداك، يېقىندا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىكى كەسپىي پائالىيىتىنى كونترول قىلىش ۋە چەكلەش بىلەن ئەيىپلىدى.

مورداك ئۆتكەن ھەپتە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون رىياسەتچىلىك قىلغان نيۇ - يوركتىكى بىر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، بۇ خىل چەكلىمە چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىش پىلانىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى، دەپ تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خەۋەرلەر گۇرۇھىنىڭ كەسپىي پائالىيىتىنى خىتايغا كېڭەيتىش پىلانى " سېمونت تامغا ئۈسسۈۋالغان". ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇمانخورلۇقى "تەلۋىلىك" دەرىجىسىگە يېتىپ باردى، دەيدۇ.

مورداك ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كەسپىي پائالىيىتىنى خىتايغا كېڭەيتىش يولىدا تىرىشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ خەۋەرلەر گۇرۇھى بۇ يىل 8 - ئايدا چىڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەۋەرلەر گۇرۇھى قارمىقىدىكى يۇلتۇز تېلېۋىزىيە قانىلى، قانال - قاتارلىق ئىستانسىلارنىڭ چىڭخەي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، چوڭچىڭ ۋە بېيجىڭلاردا تېلېۋىزىيە پروگرامما تارقىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 8 - ئايدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.