خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات مەتبۇئات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ شەنبە كۈنى، "تۆتىنچى نۆۋەتلىك جوڭگو مەدەنىيەت مەھسۇلاتى يىغىنىدا " سۆزلەپ "يېقىندىن بۇيان خىتاي مەدەنىيەت، ئاخبارات ساھەسىدە سېرىق مەزمۇنلار يامراپ، كۆپتۈرۈلگەن ساختا ئەسەرلەر كۆپىيىپ، ئاخبارات ھەمدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتمەكتە، مەدەنىيەت يېنىك بىر ھالەتكە كېلىپ قالدى" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ئاخبارات مەتبۇئات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ يەنە خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەدەنىيەت ھەمدە ئاخبارات ساھەسىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ بۇزۇلۇشنى تۈزەش ئۈچۈن جىددى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
لياۋنىڭ كۆرسىتىشىچە ئەدەبىيات ھەمدە ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاپ ئېلان قىلغاندا ئەخلەتنى ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن تەڭ مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىنىڭ تەبىئىي يوسۇندا تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. بەزى ئەركىن يازغۇچىلارنىڭ ئىپادىلىشىچە گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ساھەسىدە قاتتىق كونترول قىلىپ يەنە خاھىشىنى ئەركىن ئىپادە قىلغۇچىلارنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچى ياكى نارازىلىق ئىپادىلىگۈچى يازغۇچىلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەدەنىيەت ساھەسىنى بۇلغاۋاتقان ھەقىقىي ئەخلەت يەنى سېرىق مەزمۇندىكى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا ئۇنچە ئەھمىيەت بەرمەي كەلمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)