خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى


2007.02.15

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا يازغۇچىلارغا بېسىم قىلىپ، خوڭكوڭدا ئېچىلىدىغان يىغىنىغا قاتناشتۇرمىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ 2007 ‏- يىللىق ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىدا ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىنىنىڭ خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولۇپ، مەزكۈر تەشكىلاتقا ئەزا 20 نەپەر يازغۇچى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبىدىن خوڭكوڭغا بېرىپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشقا ئامالسىز قالغان.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇ ئارىدا خەلقئارا گېزىتچىلار بىرلەشمىسى پەيشەنبە كۈنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېرىلدىغان " ئالتۇن قەلەم " مۇكاپاتىنىڭ خىتاي مۇخبىرى شىشۇغا بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا گېزىتچىلار بىرلەشمىسى، مۇخبىر شىشۇنى مۇكاپاتلاش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شىشۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى،ھېچ بولمىغاندا 2007 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، ئۆزىگە بېرىلگەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا روخسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا گېزىتچىلار بىرلەشمىسى، دۇنيادىكى 70 دىن ئارتۇق گېزىتچىلىك گۇرۇھى تەۋەلىكىدە قۇرۇلغان خەلقئارا ئاخباراتچىلىق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ شىشۇنى مۇكاپاتلاشتىكى مۇددىئاسى، ئۇنىڭ مۇخبىر بولۇشتىكى مەردانىلىقىنى تەغدىرلەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

شىشۇ ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنماسلىققا تېگىشلىك ئۇچۇرلار دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ 12 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالاندى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.