خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەردىكى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەس

خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تەبىئىي ئاپەتلەردە يۈز بەرگەن ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېساپلانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، باشقا دۆلەتلەردە ئاممىۋى ئىشلارغا ياتىدىغان ئادەتتىكى ئۇچۇرلار خىتايدا ھازىرغىچە يەنىلا دۆلەت مەخپىئەتلىكى، دەپ قارالماقتىكەن.

خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ قارالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئەمما ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 50 ۋە 60 - يىللاردىكى ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانىنى ھازىرغىچە ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا شۇ يىللاردا 20 مىليون ئادەم ئۆلگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا 20 مىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ئۆلگەن.

خىتاينىڭ تەبىئىي ئاپەتنى دۆلەت مەخپىيەرتلىكى، دەپ قاراش ئادىتى 2002 - يىلى گۇئاڭدوڭدا پارتلىغان سارس كېسىلىنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ كېسەلدە دۇنيا بويىچە 800 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكى خىتايلار ئىدى. (ئەركىن)