ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا مايكروسوفت شىركىتى تەرىپىدىن گىرىتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت يىغىنىدا، مۇستەبىت دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئالىي تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنغان. يىغىندا 'ياخۇ'، 'گۇگۇل' قاتارلىق چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى 'بلوگ' پونكىتلىرىنى توسۇۋېلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ پىكىر ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكىنى چەكلىشىگە سۈكۈت قىلدى، ھەتتا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى، دەپ تەنقىدلەنگەن.
مۇھاكىمە جەريانىدا، مايكروسوفت شىركىتىنىڭ سالاھىيەتلىك ئالىي مەسلىھەتچىسى دىپسون ئەپەندى 'ھازىر خىتايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەلقنىڭ پىكىر، نەشرىيات ئەركىنلىكىنى چەكلەش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىگە يول قويمىسا، مايكروسوفت شىركىتى بۇ دۆلەتتىكى كەسپىنى قايتىدىن ئويلىشىدۇ، چېكىندۈرۈپ چىقىشى تېخىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ، دېگەن. (ۋەلى)