شەنبە كۈنى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 73 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنال چېلىنىپ، ياپونىيەنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى خاتىرىلىدى.
شۇ كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭدا 20 دەك خىتاي پۇقراسىنىڭ ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىشىغا يول قويغان. نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ياپونىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشىگە دائىمىي ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى 4 يىلنىڭ ئالدىدا 18 - سېنتەبىرنى مەملىكەت خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە تەلىم - تەربىيە كۈنى قىلىپ بېكىتكەنتى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گاڭچۋەن، دۆلەت مۇداپىئە تەلىم تەربىيە كۈنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، » دۆلەت ھالاكىتىنىڭ ئار نومۇسىنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ، دۆلەت مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتەيلى « دېگەن تېمىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
خوڭكوڭدا نەچچە ئون كىشى ياپونىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە ئارمىيىسى 1932 - يىلى 18 - سېنتەبىردە مانجۇرىيىدىكى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ، سابىق مانجۇ خانلىقىنىڭ ۋارىسى ئەيشىنجۈلۇ فۇيىنى مانجۇرىيە دۆلىتىنىڭ خاقانى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي، 1974 - يىلى ياپونىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ياپونىيە بىلەن بولغان تارىختىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامما يېقىنقى يىللاردىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، خىتاينىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى مىللەتچىلىك كەيپىياتى ئۇلغايدى. بۇ ياپونىيىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاينى ياپوبنىيەنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)