خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقى ھارپىسىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇشقا تىرىشماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەر قايسى يەرلىك ئورۇنلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرى ليۇ يۈنشەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە خىتاي مىللەتچىلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشقا دەۋەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇرۇشتىكى رولىنى تەشۋىق قىلىشقا چاقىرغان.
ليۇ سۆزىدە يەنە، " ۋەتەنپەرۋەرلىك، پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنى بىرگە تۇتۇپ تۇرىدىغان ياخشى كۈچ" دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن مىللەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنتېرنېت خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇھىم تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. (پەرىدە)