مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونلىرىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلىمەكچى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تېبەت رايونىدا، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ئوخشىمايدىغان دەرىجىدىكى مىللىي كادىرلارنى ئوخشىمىغان سىنىپلاردا تەربىيىلەشكە باشلىغان. تەربىيىلەنگەنلەر ئىچىدە،ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كادىرلار سانى 2600 نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، تىبەتنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ھېسابلىنىدىكەن.

مەركىزى كومپارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ رۇڭ " ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتى ئىلگىرىكى سەۋىيىدە تۇرىۋەرسە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بىز مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئۇسۇل جەھەتتە بولسۇن، نىشانىمىز ئېنىق بولغان ھالدا،كۆپلەپ كۇرس ئېچىپ، تەشكىللەش، تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك" دەپ بىلدۈردى.ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، " بۇنداق بىر پەيتتە، پارتىيە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا يېڭى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇلاردىن تېخىمۇ زور ئۈمىد كۈتمەكتە" دەپ تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ،" مەركىزى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقىنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەزكۇر جاينى مەڭگۇ كونترول قىلىشقا ئىشەنچىسىنىڭ يوقلۇغىنى بىلدۈرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)