خىتاي تۈرمىسىدىكى موڭغۇل ئۆكتىچىسىنىڭ ئايالى خەلقئارا جەمئىيەتنى يولدىشىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى


2007.01.01

خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىچكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئايالى خەلقئارا جەمئىيەتنى خادانىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خادانى جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكتىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن 1996 - يىلى مەخپىي سوتلاپ، دۆلەتنى پارچىلاش، جاسۇسلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خادانىڭ ئايالى شىننانىڭ يېقىندا رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، خادا تۈرمىدە تېگىشلىك مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەن شۇنداقلا يالغۇز كىشىلىك كامىرغا سولىنىپ، باشقا موڭغۇل مەھبۇسلار بىلەن موڭغۇلچە سۆزلىشىشى چەكلەنگەن ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى بارغانچە ناچارلىشىپ كەتكەن. خادانىڭ ئايالى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا يىمەكلىك ۋە كىتاب ئېلىپ بارسا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خادا قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن بىرگە موڭغولچە كىتاب ساتىدىغان بىر دۇكان ئېچىپ، كىتاب سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادانى "ۋىجدان مەھبۇسى،" دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.