ئىچكى موڭغۇلدىكى كۆكخوت شەھەرلىك تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، بۇلتۇر 9 - ئايدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ مۇكاپاتلانغان گۇەن ليۇرۇ 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھارپىسىدا، شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جژپىڭنى ۋە باج ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر ئايال باشلىقىنى ئېتىپ تاشلاپ، ئۆزى ئەمەل سېتىۋېلىش ئۈچۈن پارا بەرگەن ئەمەلدارلارنىڭ تەپسىلىي ئىسىملىكىنى قالدۇرۇپ ۋەسىيەت يېزىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
قاتىل ئېتىپ تاشلىغان مۇئاۋىن سېكرىتار جىلىنلىق موڭغۇل بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆكخوت شەھەرلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبى بولغان. (ۋەلى)