خىتاي ئەمەلدارى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2006.04.19

خىتاينىڭ مۇھىت قوغداش ئىشلىرىدىكى ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى نۆۋەتتە ئاھالىلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىغا دائىر نارازىلىقلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شېڭشيەن ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئاھالىلەرنىڭ 510 مىڭ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، " بۇ ھازىر جەمئىيەت مۇقىملىقىغا چوڭ تەھدىت بولۇۋاتىدۇ" دېدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھازىر خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا دائىر يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ھەر يىلى 29% سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. جۇ شېڭشيەن سۆزىدە، " ئەگەر مۇھىتنى قوغداش داۋاملىق تۈردە ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشنى ئارقىغا تارتىۋالسا، ئۇ ھالدا مۇھىت بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كونترول قىلىش تەس ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ" دېدى.

خىتايدا ھازىر ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇلغىنىشىدىن سىرت يەنە، قۇم-بوران ئاپىتى، قۇملىشىش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ مۇھىت مەسىلىسىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.