خىتايدىكى قۇم بوران ۋەزىيىتى 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا تەھدىت بولماقتا
2006.05.17
خىتايدا قۇم بوران ئاپىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشى، 2008- يىلىدىكى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەھدىت بولماقتا. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا قۇم بوران ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىدىكى سەۋەبنىڭ، غەربىي شىمال رايونلاردىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي شىمالىي رايونلاردىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ مەنبەلىرىنىڭ قۇرۇشقا يۈزلىنىشى ۋە يەر ئاستى سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇم-بوران ئاپىتىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر ئىدارىنىڭ غەربىي شىمالدىكى 3 ئۆلكىدە مۇداپىئە ئورمانلىقىنى بەرپا قىلىش نازارىتىدىكى باش ئېنژىنېر جاڭ ۋېنمىڭ، ئۇيغۇر ئېلى، گەنسۇ ۋە چىڭخەيدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا توختىلىپ، بولۇپمۇ "قۇملۇقتىكى قان تومۇر" دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن كېلىدىغان سۇنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇ سەۋەبتىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى يېشىل بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمىمۇ زور دەرىجىدە ئازايغان. شۇنداقلا بۇ مەزكۇر رايونلاردىكى چۆللىشىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.
تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقمىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيە ئەترىتى سۇ ئامبارلارنى ياسىغان بولۇپ، بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن، يۇقىرى ئېقىمدىكى سۇنى بوغىۋېلىپ تۆۋەن ئېقىمغا سۇ يېتىشمەسلىك پەيدا قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى.
جاڭ ۋېنمىڭ سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلىرىنىڭ قۇم بوران ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ساقلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ ساقچىلارغا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەلىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلماقتا
- خىتاي ئەمەلدارى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاينىڭ شەنتۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۆلدى
- فۇجيەندە 200 گە يېقىن كىشى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغىنى بىر نۇمۇس