خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا
2006.07.11
خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى، خىتايدا يېقىندا يۈزبەرگەن مۇھىت پاجىئەلىرىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، خىتايدىكى خىمىيە زاۋوتلىرىنىڭ 45% ىنىڭ مۇھىت ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
خىتاي دۆلەتلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 7555 زاۋۇتنىڭ 81% ىنىڭ دەريا ئۈستىگە يا كۆل ئۈستىگە ۋەياكى ئادەملەر زىچ ئولتۇراقلاشقان مەركەزلەردە قۇرۇلغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا، ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا، مۇھىت پاجىئەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقى تەكىتلگەنگەن.
خىتايدا، ئۇزۇندىن بېرى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈپەيلىدىن مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلغان بولۇپ، يېقىندا خىتايدىكى بەزى خىمىيەۋىي زاۋاتلاردا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر مەسىلىنىڭ قانداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتايدا مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن، ھەتتا خىتاي باش مىنستىرى ۋىن جياباۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى، ئەگەر مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ۋە خىمىيە زاۋۇتلىرىدا ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، خىتاي ئىچىملىك سۇ يىتىشمەسلىك خەۋپىگە ئۇچرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى قۇم بوران ۋەزىيىتى 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا تەھدىت بولماقتا
- خىتاي ئەمەلدارى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاينىڭ شەنتۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۆلدى
- فۇجيەندە 200 گە يېقىن كىشى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغىنى بىر نۇمۇس