مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلى خىتايدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى


2007.05.22

ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ناچارلىشىشى مەزكۇر جايدىكى دەريا ‏- ئېقىنلارنىڭ سۈيى ۋە ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايدىكى بىر قىسىم قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

تەيبېيدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى نەسلى قۇرىغان ھايۋاناتلار تۈرى ئاز دېگەندە % 5 نى ئىگىلىگەن ھەمدە مەزكۇر جايدىكى ھايۋاناتلار تۈرىنىڭ % 20 كە يېقىنى تۈگەش گىردابىغا يەتكەن.

سىچۇەن خەۋەرلەر تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتتا، مەزكۇر جايدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇماتتا ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر جايدىكى خىمىيىۋىي بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان دەريا - ئېقىن سۇلىرىنىڭ بۇلغىنىشى كۆپ ساندىكى سۇ ئاستى ئۆسۈملۈك ۋە تۈرلۈك قىممەتلىك بېلىقلارنىڭ ئۆلۈپ تۈگىشىگە سەۋەبچى بولغان.

سىچۇەن ئۆلكىسى مۇھىتنى قوغداش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئەمەلدار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەزكۇر جايدىكى كان ئېچىش ۋە ئورمان كېسىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ يەر يېپىنچىسىغا زور بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ مۇھىتنى زور دەرىجىدە بۇلغاپ، مەزكۇر جايدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتىغا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خىل ئەھۋال گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولسىمۇ، ھۆكۆمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار بۇ مەسىلىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەي كەلمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.