مۇھىت بۇلغىنىشىدىن خىتايدا ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئادەم ئۆلمەكتە


2007.07.03

دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدا بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىش ۋە پاسكىنا سۇ ئىچىش سەۋەبىدىن بىر يىلدا 460 مىڭ كىشى ئۆلىدىكەن.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى بىلەن يەتتە يىل داۋاملاشقان بۇ تەتقىقاتنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، دۇنيا بانكىسى مەسئۇللىرىدىن بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن دۇنيا بانكىسى، ئۆزىنىڭ تور بېتىدە مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا دۇنيا بانكىسى بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر دوكلات ئېلان قىلىدىكەن.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىرىنى سېزىشكە باشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، مۇھىتنى تازىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. دېگەندەك خىتاي دائىرىلىرى مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنى تاقاپ، ئاپتوموبىللارنىڭ زەھەرلىك گاز چىقىرىشنى ئازايتىدىغان تەدبىرلەر ئېلىشقا باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى مۇھىتى ئەڭ كۆپ بۇلغانغان 20 چوڭ شەھەرنىڭ 16 سى خىتايدا ئىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.