خىتايدا مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئىنسانلار مۇددەتتىن بۇرۇن ھاياتىدىن ئايرىلماقتا
2007.09.13
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى، بالىلاردا كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش " ئىممۇنىت " كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، 2006 - يىلى پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە 5 ياشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغان بالىلار ئومۇمىي سانى 9 مىليون 700 مىڭغا ئازايغانلىقىنى ، بۇ تارىختىكى تۇنجى رېكورتنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارىدا ھەر يىلى تۇغۇلغان مېيىىپ بالىلارنىڭ سانىنىڭ 800 مىڭدىن 120 مىڭغىچە ئارتقانلىقىنى ، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ئومۇمىي ساننىڭ %6 تىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى دۆلەتلىك ئانا - بالىلار ساغلىقىنى ساقلاش مەركىزى مۇتەخەسسىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بالىلارنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى ھەمدە كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، مېيىپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ 3 دىن بىر قىسمى ئۇزۇن ياشىيالمايدىكەن.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " پۇل - مۇئامىلە " گېزىتىنىڭ بۇ يىل 7- ئايدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئەڭ سەزگۈر مەزمۇنلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
" سەزگۈر مەزمۇنلار" ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلى مۇدەتتىن بۇرۇن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. بولۇپمۇ ، ھاۋادىكى چاڭ توزاڭ تۈپەيلى ھەر يىلى 35 مىليون 400 مىڭ ئادەم ئەجىلىدىن بۇرۇن قازا قىلىدىكەن. چوڭ شەھەرلەردە بۇ خىل ھادىسە تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غەربىي جەنۇبى خىتايدا نەچچە مىڭ ئامما بۇلغىنىشقا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
- خىتايدىكى چوڭ دەريالاردا سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كەتتى
- مۇھىت بۇلغىنىشىدىن خىتايدا ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئادەم ئۆلمەكتە
- مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلى خىتايدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى
- مۇتەخەسسىسلەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- پۈتۈن دۇنيادا خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلارنىڭ 75% ى ئاسىيادا
- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا بۇلغىغۇچى خىتاي
- خىتاي مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىدە كۆز بويامچىلىق قىلماقتا
- خىتايدا مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا