خىتاي، 15 يىللىق مۇھىت قوغداش پىلانىنى ئېلان قىلدى
2006.02.15
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بىر چوڭ كۆلەمدىكى 15 يىللىق مۇھىت قوغداش پىلانىنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇھىت مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىلغا ئايلانغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي دۆلەت كابىنتى چىقارغان "ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار" ناملىق بۇ پىلاندا، كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان مۇھىت قوغداش نىشانى بېكىتىلگەن.
مەزكۇ پىلاندا، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەھەر مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ مۇھىتىنى قوغداشقا ئوخشاش بىر قاتار ئالدىن ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم ۋەزىپىلەر كۆرسىتىلگەن.
خىتاي مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شېڭشيەن نۆۋەتتە خىتاي مۇھىت ۋەزىيىتىنىڭ 3 چوڭ ئېغىر پەللىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار بولسا، بىرىنچىسى، مۇھىت بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىرلاشقان مەزگىل يېتىپ كەلگەن. ئىككىنچىسى، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان مۇھىت ھادىسىلىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. ئۈچىنچىسى، كوللىكتىپ خاراكتېرلىك مۇھىت ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ تېز كۆپەيگەن.
جۇ شېڭشيەن يەنە، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان مۇھىم بىر ئامىلنىڭ، چىرىكلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قىسقۇچ پاقىسى ئەنگلىيە دەريالىرىغا تەھدىت بولماقتا
- خىتايدا يىلىغا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ
- ئالى سوت مەھكىمىسى دېھقانلارنىڭ يەر- زېمىن ھوقۇقى توغرىسىدىكى قانۇنغا ئىزاھات بەردى
- غەزەپلەنگەن دېھقانلار مۇھىتقا زىيانلىق بىر زاۋۇتقا ھۇجۇم قىلغان
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى