خىتايدىكى چوڭ دەريالاردا سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كەتتى
2007.07.16
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىشنىڭ دەرياغا قۇيۇلىدىغان سازلىق ئېقىنلىرىنى قۇرۇتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دەريالاردا سۇ يۈزى تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈنگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار چاڭجياڭ ۋە خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ سۇ مەنبىيى بولغان چىڭخەي- تىبەت ئېگىزلىكىدىكى سازلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىپ، مەزكۇر ئېگىزلىكتىكى سازلىق كۆلىمىنىڭ ئۆتكەنكى 40 يىل مابەينىدە 10 پىرسەنتتىن كۆپرەك، دەريا باشلانمىسىدىكى سازلىقلارنىڭ 29 پىرسەنت ئەتراپىدا كىچىكلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شۆگېن: " دەريالارنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ نورمال بولۇشىدا سازلىقلار ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. سازلىقلارنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دەيدۇ.
ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، دەريا سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن.
خىتاي ھازىر يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان كاربون 4 ئوكسىدىنى ئاتموسفېراغا ئەڭ كوپ قويۇپ بەرگۈچى دۆلەت بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئايدا گوللاندىيىگە جايلاشقان مۇھىت باھالاش جەمئىيىتى دوكلاتىدا، ئاتموسفېراغا كاربون 4 ئوكسىد قويۇپ بېرىشتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقى خىتايدا 200 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۈيى 40 سائەتكىچە ئۈزۈلۈپ قالغان
- مۇھىت بۇلغىنىشىدىن خىتايدا ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئادەم ئۆلمەكتە
- مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى تۈپەيلى خىتايدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى
- مۇتەخەسسىسلەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتايدا دەريا ئېقىنى بۇلغىنىش ھادىسىسى كۆپەيمەكتە
- پۈتۈن دۇنيادا خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دېڭىز يۈزىدىن 10 مېتىر تۈۋەن جايلارنىڭ 75% ى ئاسىيادا
- خىتايدا 10 مىليون ئادەم قەھەتچىلىكتە قالىدىكەن
- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا بۇلغىغۇچى خىتاي