خىتاي ئاجراتقان مۇھىت قوغداش خىراجىتى تولۇق ئىشلىتىلمىگەن


2005.03.30

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاجرىتىۋاتقان مۇھىت قوغداش خىراجىتى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا تولۇق يېتىپ بارمايدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئاجرىتىلغان خىراجەتنىڭ ٪ 30 ئىنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش باش ئىدارىسىدىكى پىلان تۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل چېن بىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەنكى بەش يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ھەر قايسى بۇلغانغان سۇ مەنبەلىرى ۋە تۇپراقلارغا جەمئىي 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ئاجراتقان. ئەمما بۇنىڭ٪ 70 ئىنىڭ شۇ جايلارغا يېتىپ بارغانلىقى ئېنىقلانغان، لېكىن قالغان پۇللارنىڭ ھېسابى چىقمىغان.

چېن بىن يەنە، كېيىنكى 5 يىللىق پىلاندا 2006 - يىلىدىن باشلاپ مۇھىت قوغداش ئىشلىرى ئۈچۈن 157 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ئاجرىتىش پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سان خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ٪ 1.5 ئىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما، چېن بىن مۇھىت قوغداش خىراجىتى ئاز دېگەندە ٪ 3 تىن ئاشمىغىچە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھىت مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيىتىمۇ خىتايدىكى مۇھىت قوغداش ئىشلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاي بۇنى ۋاقتىدا ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، بۇنىڭ كەلگۈسىدە خىتاي ئۈچۈن ھەل قىلىش تەس بولغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.