مەركىزى شىۋىتسارىيىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا ، 7 خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا جاسارەت كۆرسەتكەن دەپ " ماكان ھوقۇقى " مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلىدى.
جەنۋەدە تۇرۇشلۇق، يەر شارىدىكى ماكان ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆز ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغۇچى شەخسلەردىن خۇاڭ ۋېيچوڭ ، ما ياليەن قاتارلىق 7 كىشى، 2006 - يىللىق " ماكان ھوقۇقى " مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مەزكۈر مەركەز مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 7 كىشى نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي دېھقان، ئىشچى ۋە ئاھالىنىڭ ئۆز ماكانى ۋە زېمىن ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل بولمىغان تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقىنى قوغدىغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ 7 كىشى، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ماكانلىرىنى قوغداش داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەھدىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ تاياق زەربىلىرىگە ئۇچرىغان.
يەر شارىدىكى ماكان ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ستاتىستىكىلىق دوكلاتىغا قارىغاندا، 2003 - يىلىدىن بۇيان، خىتايدا 647 مىڭ ئادەم ئۆز ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۋىتىلگەن.
گەرچە خىتاي ساقچىلىرى ئەرزدارلارنى باستۇرۇپ ھەتتا سولاپ قويغان بولسمۇ، پەقەت ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كوللىكتىپنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى 2004 - يىلدىكى 74 مىڭ قېتىمدىن، 2005 - يىلى 87 مىڭ قېتىمغا كۆپەيگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە، بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئىدى. (ئەقىدە)