مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا يېڭى مۈلۈك قانۇنى ماقۇللىنىشىنى تەۋىسىيە قىلماقتا
2007.03.07
ھازىر بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندا، ئۇزۇندىن ماقۇللانماي كېلىۋاتقان 'مۈلۈك قانۇنى' ىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بىر چوڭ تېما.
گەرچە ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى چوڭ يىغىندا بۇنداق بىر قانۇن لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ماقۇللانغىنى يوق. ھازىر خەلقئارادا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن يېڭى مۈلۈك قانۇنى بولۇشى لازىم، دەپ تەۋىسىيە قىلماقتا. ئەگەر بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىندا 'بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا، بۇ خىتايدا 1949 -يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بىرى، يەنى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش ئېنىق بەلگىلەنگەن قانۇن ماقۇللانغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى 'سوتسىالىسزمنىڭ ئومۇم خەلق مۈلكى دەخل-تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغان مۇقەدەس مۈلۈك' دېگەن ماددا بىكار قىلىناتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات باشلانغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم 1981 - يىلى يەككە دېھقاننىڭ مەۋجۇتلىقى ئېتىراپ قىلىندى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن 8 دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىشلەيدىغان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېتىراپ قىلىندى؛ 1997 - يىلى شەخسىلەر قۇرغان ئورگانلار دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىراپ قىلىندى؛ 2001 - يىلى كاپىتالىستلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى؛ 2004 يىلى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش باشلاندى.
ھازىر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان قانۇن لايىھىسىدە شەخسىيلەرنىڭ قانۇنلۇق تاپاۋىتى، تورالغۇ ۋە ئەسلىھەلىرى قوغدىلىدۇ، دەپ يېزىلغان. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسسىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللانسا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولىدۇ، ئەمما بۇ لايىھىدە بەزى ئۇقۇملار يەنىلا مۇجىمەل. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كوممۇنىستلار ھۇقۇق تۇتۇۋاتقان، كوممۇنست ئىدېئولوگىيىسى ھۈكۈم سۈرۈۋاتقان شارائىتتا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىنتايىن قېيىن بولۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېغىنى باشلاندى
- خىتاي كومپارتىيىسى 17 - قۇرۇلتىيىدا ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنىغا يېڭى كىشىلەر سەپلىنىدۇ
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى كېلەر يىلى خۇسۇسى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشى مۇمكىن
- بېيجىڭدا ساقچىلار قۇرۇلتاي زالى سىرتىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- خىتايدا بىر پارتىيە پۈتۈن خەلقنىڭ يەر -زىمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىگەلىۋالىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش كېرەك