خىتاي ئالىملىرى، خىتايدىكى كىرىم پەرقى مۇقىملىقنى بۇزىدۇ دەپ، ئاگاھلاندۇرماقتا

خىتاي ئالىملىرى، خىتايدا شەھەر ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى چوڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىم پەرقى كەلگۈسى 2010 - يىلىغىچە ئىجتمائىي مۇقىملىقنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ئەمگەك ۋە خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدا شەھەر لەردە كىشى بېشىغا چۈشكەن يىللىق كىرىم مىقدارى 10000 يۈئەندىن ئاشقان، ۋاھالەنكى يېزا خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمى 3000 يۈئەن ئەتراپىدا ئىكەن. شۇنداقلا شەھەرلەردە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ كىرىمى يېزىدىكىلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ھەسسە كۆپەيمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېزىلاردىمۇ كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى دارامەت پەرقى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، شەھەرلەردە ئىشتىن چىقىرىلغان ئىشچىلار بىلەن يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان يۇقىرى تەبىقە ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇش پەرقىمۇ كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىر يول تاپمىسا، 2010- يىلىدىن كېيىن ۋەزىيەت ناھايىتى جىددى بىر تۈس ئالىدىكەن. (قانات)