خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى: ئىشچىلارنىڭ ھەق تەلەپ دەتالاشلىرى خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ 30 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كادىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە نۆۋەتتە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان ياللانما ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇشلار، دە تالاشلار خىتاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتايدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەمگەك ھەققى دەتالاشلىرى ئاساسەن، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك، ئىشچىلارنىڭ توختامدىكى مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلىش، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى يولسىز سەۋەبلەر بىلەن تۇتېۋىلىش بىلەن كېلىپ چىقىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر يىلى خىتاينىڭ چاغىنى ھارپىسىدا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ياللانما ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ياكى زوراۋانلىققا ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا دېھقان ياللانما ئىشچىلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن يىگىرمە مىليونغا يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ 90%تىن كۆپى ئاساسەن سەككىز سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ. شۇنداقلا ئاساسەن ھېچقانداق داۋالىنىش، مائارىپ قوبۇل قىلىش كاپالىتىگە ئىگە ئەمەس بولۇپلا قالماي ئاساسىي جەمئىيەت پاراۋانلىقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۇلارنى ياللىغان قارا نىيەتلىك خوجايىنلار تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىپ كەلمەكتە.

جوڭگو كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە خىتاي ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمەلدارى ليۇ جىچېن "نۆۋەتتە غەربتىكى بەزى دۈشمەن كۈچلەر دەل جۇڭگودا كۈچىيىۋاتقان، ئىشچىلارنىڭ ھەق تەلەپ دەتالاشلىرىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگودا قۇتراتقۇلۇق قىلماقچى" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتېسكىلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل خىتايدىكى ياللانما ئىشچىلارنى ئىشلىتىۋاتقان شىركەت، كارخانىلار ئىشچىلارغا تۆت مىليارد يۈەنگە يېقىن مائاش قەرز بولۇپ قالغان. (گۈلچېھرە)