سوڭ چۇيۈ بېيجىڭدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئوچۇق رەت قىلدى

بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سوڭ چۇ يۈ چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىپ، تەيبېي بىلەن بېيجىڭنى مەسىلىنى تىنچ يولدا ھەل قىلىشقا چاقىردى.

سوڭ چۇيۈ بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، " تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى بىر تۇيۇق يول" دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە ناھايىتى ھاياجان بىلەن " بۇ ئەسىر، خىتايلارنىڭ ئەسىرى. ھازىر پۈتۈن دۇنيا خىتايدەك بىر چوڭ ئەجدىھانىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئىككى قىرغاق خەلقى تەييارمۇ؟" دەپ توۋلىدى.

سوڭ چۇيۈ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى تەكىتلەپ، بۇ يەرنى ئۇرۇش مەيدانى ئەمەس، بەلكى دۇنيا زاۋۇتى ۋە سودا بازىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سوڭ چۇيۈ پەيشەنبە كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشمەكچى. شۇنداقلا ئۇ، خىتايدىكى سەپىرى داۋامىدا بېيجىڭ، شىئەن، نەنجىڭ، شاڭخەي ۋە چاڭشادا زىيارەتتە بولىدۇ. (پەرىدە)