خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق مۇخبىرنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى


2005.08.14

خىتاي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن خوڭكوڭلۇق مۇخبىر چىڭ چوڭنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۇدىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا بەزى كىشىلەر تەلەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ چىڭ چوڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ، دېدى.

ئەمىلى لو قاتارلىق خوڭكوڭدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر، يېقىندا بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چىڭ چوڭنىڭ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

55 ياشتىكى چىڭ تۆت ئاي بۇرۇن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇنى تەيۋەن جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.