خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە ئاز قالغان ھالقىلىق بىر چاغدا، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" مۇخبىرى جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچتى.
خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى جاۋ يەننى 2004 - يىلى 9 - ئايدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. جاۋ يەن ۋەقەسى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاۋ يەننىڭ ئادۋۇكاتى مو شاۋپىڭ " تەپتىش دائىرىلىرى جاۋ يەن دىلوسىنى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچتى ۋە بۇ بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى" دەپ تەكىتلىگەن. مو شاۋپىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاۋ يەن پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن. مو شاۋپىڭ تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، قائىدە بويىچە ئەگەر گۇناھكار جىنايىتىگە ئىقرار بولمىسا ياكى پاكىت گۇمانلىق بولسا، تەپتىش خادىملىرى ئەيىبنامىسىنى قالتۇرىۋالىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن.
بىراق، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلار جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كېچىش خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.
خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە جاۋ يەن دىلوسىنىڭ تەپسىلى ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلاپ باقمىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاۋ يەننىڭ دىلوسى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ ئايرۇپىلانىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش سەتچىلىكى "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. (ئەركىن)