خىتاي ھۆكۈمىتى "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاۋ يەننى قايتا سوتلايدۇ


2006.05.15

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى " نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ بېيجىڭدىكى ياللانما خادىمى جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، تەپتىش دائىرىلىرى يېقىندا ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا ئەيىبنامە ھازىرلىدى.

جاۋ يەننىڭ ئادۋوكاتى مو شاۋپىڭنىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋ يەننى بۇ قېتىم قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، لېكىن تەپتىش دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇنىڭغا جاۋ يەن ئۈستىدىن ئەيىبنامە ھازىرلىغانلىقىنى ۋە سوت مەھكىمىسىگە يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "تەپتىش ئورگىنى ماڭا جاۋ يەننىڭ دىلوسى ئۈستىدىن قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،" دەيدۇ.

ئادۋوكاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەپتىش ئورگىنىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇن ئاساسى يوق ئىكەن. ئادۋۇكات، جاۋ يەننىڭ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى " پۈتۈنلەي قانۇنسىزلۇق،" دەپ تەكىتلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا بىر ئاي قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى خۇنىڭ زىيارىتىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم زىيارەت، دەپ قاراپ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگۈ چۈشۈدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشماقتا ئىدى.

جاۋ يەن ئىلگىرى " جوڭگو ئىسلاھات" ژورنىلىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 200 4- يىلى 9 - ئايدا قولغا ئېلىنغىچە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن "نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى جاۋ يەننى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كونكرېت جىنايىتىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا جاۋ يەن خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا مەخپىي ئاڭلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىۋېتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ مەنبەسى جاۋ يەن ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.