خىتاي سىنگاپور "بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرىنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى


2006.09.01

بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سىنگاپور " بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى چېن چىڭنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 30 مىڭ يۈئەنلىك خىتاي پۇلىغا توغرا كېلىدىغان مال - مۈلكىنى مۇسارە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماي يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چېڭ چوڭ، سىنگاپور" بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنى سەيشەنبە كۈنى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان، دەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. چېڭ چوڭنىڭ ئايالى ھۆكۈمنى ئادىل بولمىدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۇ، جۈمە كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا " سوتچى ئۇنىڭغا قارشى پاكىتلارنىلا كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ئاقلايدىغان پاكىتلارغا پۈتۈنلەي نەزەر سالمىدى، " دەيدۇ.

چېڭ چوڭ، 2005 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، چېڭ چوڭنىڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىدىغان بىر فوندى جەمئىيەتكە " دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە ئاخبارات" يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جىنايەتچى، دەپ قارالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەيۋىد خۇئاڭ، چېڭ چوڭنىڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ، خىتاي تەرەپنىڭ بايانلىرىنى "بىگۇناھ مۇخبىرغا قارىتىلغان رەزىللەرچە ئەيىبلەش، " دېدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.