خۇ جىنتاۋ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىر دېلوسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
2007.01.25
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەنشى داتوڭدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىرنىڭ دېلوسىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى "خىتاي سودا گېزىتى" نىڭ شەنشى مۇخبىرلار پونكىتىدىكى لەن چېڭجاڭ قاتارلىقلار خۇييەن ناھىيىسىدە قانۇنسىز ئېچىلغان كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كۆمۈر كان ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان. لەن چېڭجاڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
نۆۋەتتە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، 7 نەپەر جىنايەت گۇماندارنى قولغا ئالغان، قېچىپ كەتكەن 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىزدەك - سورىقى جىدىدىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2006 - يىلى 9 - ئايدىن بۇيان، بېيجىڭ، گۇئاڭدوڭ، شەنشى قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن مۇخبىرلارنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەت مىقياسىدا ئاخباراتچىلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئاخباراتچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا ئىكەن.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، خىتاينىڭ 2008 - يىلى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتى دىيىشمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا بىر مۇخبىر كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى
- خىتاي ژورنالىستلارنى قاماش جەھەتتە دۇنيا بويىچە باش تۈرمە
- خىتاي ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشاشتۇرماقچى
- خىتاي سوت مەھكىمىسى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خوڭكوڭ مۇخبىرىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى