ئەنشۈن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى


2006.07.25

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە 18 ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەنشۈن گېزىتىنىڭ مۇخبىرى شياۋ گوپىڭ يەرلىك ساقچى ئىدراىسىنىڭ باشلىقى پەن دېفېڭ تەرىپىدىن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شياۋ گوپىڭ ئەنشۈن گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنى تەنقىد قىلغان ئىكەن.ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر گېزىت تەھرىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت 39 ياشلىق شياۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقلىرى ۋەيا چىرىكلىكىنى پاش قىلغان ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر ياكى ماقالە يازغان مۇخبىرلارنى ئۇرۇش، سولاش ۋە خىزمىتىدىن قوغلاندى قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 13‏- ئىيۇل كۈنى يەنە گۈيجۇ ئۆلكىسىدە لى يۈنلۇڭ ئىسىملىك بىر مۇخبىر دېھقانلار ۋە ئىشتىن چېقىرىلغان ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۇنيادا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئەڭ كۆپ بوغۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېرى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.