مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەندى


2007.11.08

"جوڭگۇ مۇخبىرلار بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ " : دۆلىتىمىزدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى " دەپ بىلدۈرگەن. بىراق چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇنىڭغا، بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاھالىلارنى زىيارەت قىلىشتا قېيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان . بۇ ئارىدا يەنە، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى، جوڭگۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەشەببۈس قىلدى.

ئىسپانىيىلىك بىر ئايال مۇخبىر ، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ليۇ جەنچاۋغا پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بېيجىڭ چەنمىن رايونىدا ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن كىشىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پاسپورت ۋە ماتېرىياللارنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ساقچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەنلىكىنى شۇنىڭدەك بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك جەريانىدىكى زىيارەت قىلىش قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقتەك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى نيۇيوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتايدا مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىگە قەدەر 29 مۇخبىر يەنىلا تۈرمە ئىچىگە قامالغان بولۇپ، خىتاي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يەنى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئەمەل قىلىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان. مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، خىتاي دائىرىلىرىدىن، مۇخبىرلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمە ئىچىدىكى مۇخبىرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.