جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى


2008.02.11

بۇ يىللىق ئولىمپىك يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان گېزىت مۇھەررىرى يۈ خۋافېڭنى تۈرمىدىن بوشاتتى. يۈ خۋافېڭ ئەسلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە چىقىدىغان ئاۋانگارت گېزىت: جەنۇب ئاستانە گېزىتى(南方都市报 ) نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ، 2004- يىلى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

2004- يىلى گۇاڭدۇڭ سوتى يۈ خۋافېڭنى چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ تۈرمىدە يېتىش مۇددىتى 8 يىلغا قىسقارتىلغان ئىدى.

ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر يۈگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئويدۇرما دەپ قارايدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ تونۇشىچە، يۈ خۋافېڭ مۇھەررىرلىكىدىكى گېزىتنىڭ ئەسلى 2003- يىلى خىتايدا تارقالغان سارىس كېسىلىنى ئەڭ كۆپ ۋە ئاكتىپ ھالدا خەۋەر قىلغانلىقى ۋە 2003- يىلى بىر ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى جامائەت پىكرىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر گېزىتتىن جەمئىي ئۈچ ئادەم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە باش مۇھەررىر لى مىنيىڭ ۋە مۇھەررىر چېڭ يىجۇڭلار بار. لى مىنيىڭ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 3 يىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولسا، بۇ گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى چېڭ يىجۇڭ بەش ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن 2004- يىل ئاۋغۇستتا قويۇۋېتىلگەن.

خىتاي دۇنيا بۇيىچە يازغۇچى، مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلايدىغان دۆلەت بولۇپ، ھازىر خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان 40 نەپەر يازغۇچىنىڭ 4 نەپىرى ئۇيغۇر ئىلىدىن.

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يوللاپ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن، سۆز، پىكىر ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىپ تۈرمىدىكى مەزكۇر يازغۇچىلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.