خەلقئارا مۇھىت قوغداش تەشكىلاتى، جۈمە كۈنى گېن قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلگەن گۈرۈچنىڭ خىتايدا بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل گۈرۈچ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كاپالەتكە ئىگە ئەمەسكەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىدىكى تەكشۈرگۈچىلەر، گۇئاڭجوۋدا مەزكۇر گۈرۈچنىڭ قانۇنسىز بازارغا سېلىنغانلىقىنى ئاشكارلىغان. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى، "تەجرىبە نەتىجىلىرى گېن قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلگەن گۈرۈچنىڭ ئىنسانلارغا رېئاكسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ تەكىتلىدى. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شى پاڭچوڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان بۇ خىل گۈرۈچنى 4 - ئايدا خىتاينىڭ خۇبېي رايونىدا بايقىغان. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، خۇ بېيدا گېن قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلگەن 14500 توننا گۈرۈچ، 29 توننا شال ئۇرۇقى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى، "بىزنىڭچە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالماسلىق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك. چۈنكى گۈرۈچ خىتايدا ئەڭ مۇھىم ئىستىمال مەھسۇلاتى،" دەپ تەكىتلىدى.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ئورگان خىتايدا ئىستىمالچىلارنىڭ گېن قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلگەن گۈرۈچنى بىلمەي ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى، بۇ خىل گۈرۈچنىڭ خىتايدا بازارغا سېلىنىشى خىتاينىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.(ئەركىن)