خەلقئارا كرىزىس تەشكىلاتى: خىتاي ۋەزىيىتى ئۆتكەن يىلى ناچارلاشتى

خەلقئارا كرىزىس كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2005 - يىلى خىتاي مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى خەلقئارا كرىزىس كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2005 - يىلى دۇنيا بويىچە توقۇنۇش ئىچىدىكى 11 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ناچارلاشقان بولۇپ، خىتاي، ۋەزىيىتى ناچارلاشقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق دېھقان نامايىشچىغا ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ كىشىلەر دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن يەر - زېمىنى تارتىۋېلىنغان يېزا پۇقرالىرى بولۇپ، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن نامايىش قىلغان دىھقانلار ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى خىتايدا دىھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرى گۇئاڭدۇڭنىڭ تەيشى يېزىسىدا قوراللىق ساقچىلار بىلەن يەرلىك پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئەركىن)